تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش

− ھەرقايسى جايلاردىكى لېكسىيە ئۆمەكلىرى 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

سەھنىدە مۇتەخەسسىسلەر چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك، جانلىق، قالتىس سۆزلىدى؛ سەھنە ئاستىدا، ئاڭلىغۇچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاپ ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، كۈرەش ھالىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تېزدىن ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئۆمەك باشلىقى، ئوبلاستتىكى تۆت يۈرۈش بەنزىدىكى رەھبەرلەر ئەزا بولغان لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر(پورت)لەر، ھەرقايسى تارماقلار - ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز ئورنىدا لېكسىيە سۆزلىدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر (پورت)دىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئورگان، مەھەللە، يېزا، كارخانا، مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا كىرگۈزۈشكە، ئامما ئارىسىغا كىرگۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«لېكسىيە دوكلاتىدا ھەم چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك شەرھلەش، ھەم ئەمەلىيەت قاتلىمىغا ئىگە تەپەككۇر بار بولۇپ، ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم.» ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تىل - يېزىق، ئۇچۇر باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئابلەھەت ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم».

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى باشلامچى بولۇپ تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، يېزا - بازار(مەيدان)، مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. لېكسىيە ئۆمىكى ئالتە لېكتوردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 50 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى يەن لېي مۇنداق دېدى: «بىز ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشقان، چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك لېكسىيە ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ بورتالا ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تۇرپان شەھەرلىك لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيە، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇن، مەكتەپلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىپ، خىلمۇخىل شەكىلدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

شۇ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك لېكسىيە ئۆمىكى تۇرپان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، بۇيلۇق كوچا باشقارمىسىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى. تۇرپان شەھەرلىك لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ لېكتورى چاۋ يەنخۇا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئالتە تەرەپتىن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى شەرھلەپ يېشىپ بەردى.

تۇرپان شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇسىم مەمەت مۇنداق دېدى: «مەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ ئىدىيە جەۋھىرى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرىمەن، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمەن».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى شىنئەن، مېڭ شيا، ۋاڭ لېلې، پېڭ دەننى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى