تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى توپلاش

− 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

يىغىن روھى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى، مەركەزلىك لېكسىيە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈن شىنجاڭدا 90 مەيدان لېكسىيە دوكلاتى بەردى، نەق مەيدان ياكى سىن يىغىنى قاتارلىق شەكىلدە لېكسىيە ئاڭلىغان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى 150 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى.

ئەتراپلىق، ئومۇميۈزلۈك بولغان لېكسىيە، چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك شەرھلەش، سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن جاۋاب بېرىش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىمىزنى يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش قىزغىن دولقۇن كۆتۈرۈش

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نەزەرىيە ئاساسى چوڭقۇر، ئەمەلىي تەجرىبىسى مول، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان، لېكسىيە سۆزلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئاجرىتىپ ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلاردىن نۇقتىلىق لېكسىيە سۆزلەپ، بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا لېكسىيە سۆزلەپ، يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىن مەزگىلىدە، لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى مۇھىم نۇقتا ۋە ھازىر كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى، كوللېكتىپ دەرس تەييارلىدى، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە قايتا - قايتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە تېزىسىنى ئەستايىدىل تەييارلىدى. لېكسىيەنىڭ تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇشى ئۈچۈن، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى زور مىقداردا سۈرەت، مىسال قاتارلىقلارنى توپلاپ، دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى، ئىدىيەۋىلىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتتى.

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرقايسى جايلار، ئورۇنلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئورۇنلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسىدە لېكسىيە سۆزلەندى؛ 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، پىچان ناھىيەسى، مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا لېكسىيە سۆزلەندى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىمۇ داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى...

ئورگان، ئورۇنلاردىن كارخانا، زاۋۇت رايونلىرىغىچە، كوچا، مەھەللىلەردىن ئالىي مەكتەپ دەرسخانىلىرىغىچە تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۆتۈرۈلدى؛ ئەتراپلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئەمەلىيەتكە زىچ يېقىنلىشىش كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش

تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، جانلىق مىساللاردىن پايدىلىنىپ جانلىق شەرھلەش، نەزەرىيە + سۈرەت + سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈش... ھەربىر يەرگە بارغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق، دەل جايىدا يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق مەركەزنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى، ئاممىغا تەشۋىق قىلدى.

غۇلجا شەھىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى ۋە شەرھلىدى، لېكسىيە تەسىرلىك، جانلىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ھەم نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە ئىگە ھەم ئەمەلىي يېتەكلەشچانلىققا ئىگە. قورغاس شەھىرىدە، لى يۇڭجۈن يەنە شۇ جايدىكى كارخانىچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك تەھلىل قىلىپ جاۋاب بەردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ زالىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ ۋۇلۇڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئېسىل لېكسىيە سۆزلىگەندىن كېيىن، يەنە دەم ئالماي لوپ ناھىيەسى شەھەر رايونى كوچا باشقارمىسى مىنلې مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ مۇكەممەل، چوڭقۇر شەرھلىشى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېشىپ چۈشەندۈرۈشى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى.

كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە، لېكسىيە دوكلاتى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سوئال سورىشىنى قوبۇل قىلدى، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئاددىي، ئىخچام جاۋاب نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ »... چۆچەك شەھىرى تىنچلىق كوچا باشقارمىسى مەيدان مەھەللىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) دۈەن لياڭ مەھەللىدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۆزگىرىش، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى ھەم كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردى.

مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزاسى نۇرلان جارقىن لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياخشى ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلىگۈچىسى بولۇپ، يىغىن روھىنى مەھەللىدىكى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن».

سەھنىدىكىلەر ئېسىل لېكسىيە سۆزلىدى، سەھنە ئاستىدىكىلەر ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇردى، يىغىندىن كېيىن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، ھەمتۈرتكە بولۇندى، يەنە تېخىمۇ كۆپ كادىر، ئامما سىن يىغىنى شەكلى ئارقىلىق لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىنى كۆرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭىشى، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشىغا پۇختا، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش غەيرىتىگە ئىلھام بېرىش

«لېكسىيە ھەم نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە، ئىدىيەۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە ھەم ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كۆپچىلىك ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ، ئېسىدە تۇتالايدۇ.» «بىز چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.»...

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى بارغانلا يېرىدە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىي لېكسىيە كۆپچىلىكنى كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

لېكسىيەنى ئاڭلىغاندا، بورتالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي لېكتورى، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچى سۈي چياۋشيا خاتىرە دەپتىرىگە مۇھىم نۇقتىلارنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «لېكسىيە دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا ئىگە ئىكەن، ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھام ئالدىم. مەن يىغىن روھىنى مەھەللە، كەنت، گۇرۇپپىلارغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەيمەن».

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈنفېڭ لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى كىشىلەر توپىنى پۇختا سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

«لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى.» شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ شياڭجۈن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

سىن يىغىنى ئارقىلىق لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، جېمىنەي ناھىيەسى توست يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ۋاڭ خۇڭشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى ھەممە ئائىلىگە بىلدۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىمىز».

«مەكتەپ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى سىنىپلارغا كىرگۈزۈشكە، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈشكە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ شىنچياڭ.

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك بولدى، مەكتەپنىڭ مۇھىتى ۋە ياتاق شارائىتى بارغانسېرى ئازادىلەشتى... كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تېببىي پەنلەر شىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆزگىرىشلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى يۇرتۇمنى قۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمەن».

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كىشىگە ئىلھام بېرىش، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەش. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسى پۈتۈن جەمئىيەتتە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، يىغىن روھىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى توپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى