تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلمىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 26 بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە، ھەممىسى ئىلگىرىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 164 بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە.