تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 600دىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىم ئاجرىتىپ قەشقەرگە جىددىي ياردەم بەردى

قەشقەر ۋىلايىتىدە 2 مىليون 835 مىڭ 300 كىشىدىن نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىندى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 137 يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز كوناشەھەر ناھىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تېزدىن تەشكىللىدى. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 14كىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە 2 مىليون 835 مىڭ 300 كىشىدىن نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىدە «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق تەكشۈرۈش» بويىچە خادىملارنى قەرەللىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 14كىچە، 137 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، مۇتەخەسسىسلەر دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم خىزمەت گۇرۇپپىسى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى قەشقەرگە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغاتتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغاتتى، ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دەرھال كوناشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئىلمىي تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كەتمەسلىكىگە، كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايون بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەركىزى ۋە ئاقسۇ، خوتەن، بايىنغولىن، سانجى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن 600دىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمنى تەشكىللەپ ئاجرىتىپ، قەشقەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا جىددىي ياردەم بەردى، قەشقەر ۋىلايىتىمۇ ئۆز رايونىدىكى 2500دىن ئارتۇق كەسپىي خادىمنى ئاجرىتىپ، تەكشۈرۈش كوللېكتىپى تەشكىللەپ قۇرۇپ، دەرھال كوناشەھەر ناھىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

گۇ يىڭسۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قاتناش يوللىرىنىڭ ھەممىسى نورمال، راۋان ئىكەن. سىرتتىن قەشقەرگە كەلگەن خادىملارغا قارىتا ئايرىۋېتىش قوللىنىلمايدىكەن، نوكلېئىك كىسلاتاسى دوكلاتىنى ئېلىپ يۈرۈش ھاجەتسىز بولۇپ، ماسكىنى ياخشى تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ساغلاملىق كودىنى سىكاننېرلاش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسىلا بولىدىكەن. قەشقەردىن ئايرىلماقچى بولغان سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يەتتە كۈن ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي دوكلاتىنى ئېلىپ، قەشقەردىن نورمال ئايرىلسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى