تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، لى يىفېي ئاپتونوم رايوندىكى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئىشتات ئىشخانىسى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى، پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پۇختا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەسقاتىدىغان ئامما خىزمىتى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىش ۋە سىياسىي ساپانى پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيەگە سادىق، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە بوشاشماي دائىم تۇتۇش كېرەك؛ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، يىغىن روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئىنچىكلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياڭ شىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنىڭ مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلىرى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە قوغداپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

ياڭ شىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يىغىن روھىنى زىچ چۆرىدەپ ئەھۋالنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، دەل جايىدا نازارەت قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى