تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 1-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 1-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغاتقان.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەمدە خىزمەت گۇرۇپپىسى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى قەشقەرگە بېرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال 1-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغاتتى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تېزدىن كوناشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئىلمىي تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كەتمەسلىكىگە، كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. (مۇخبىر ۋاڭ نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى