تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم بىردەك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىشلەيدىغان زاۋۇت بىلەن باغلىنىشلىق

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق تەكشۈرۈش» بويىچە خادىملارنى قەرەللىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، ئايال، 17 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى 2-كەنتىنىڭ ئاھالىسى، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغان بولۇپ، قەشقەردىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ تېببىي كۆزىتىلگەن. نۆۋەتتە، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن.

  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلگەن. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 14كىچە، 137 ئادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولۇپ، بىردەك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىشلەيدىغان 3-كەنتتىكى زاۋۇت بىلەن باغلىنىشلىق بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قويۇشى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى