تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيوللىرى نۆۋەتتە پۈتۈنلەي راۋانلاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قاتناش يوللىرىنىڭ ھەممىسى نورمال راۋانلاشتى. سىرتتىن قەشقەرگە كەلگەنلەر ئايرىۋىتىلمەيدۇ، نوكلېئىك كىسلاتاسى دوكلاتىنى ئېلىپ يۈرۈش ھاجەتسىز، پەقەت ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ساغلاملىق كودىنى سىكاننېرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرسىلا بولىدۇ. قەشقەردىن ئايرىلىدىغان سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، پەقەت يەتتە كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇش دوكلاتىنى ئېلىپ بارسىلا، قەشقەردىن نورمال ئايرىلسا بولىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، قەشقەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق خادىملارنى ئىلمىي باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى