تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرى تېزلىكتە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان كىشىلەرگە قارىتا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھازىر 138 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەندى، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلىرى، ئادەتتىكى ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا ساغلاملىقنى باشقۇرۇش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.