تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلمىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 137 بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە، ھەممىسى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلىرىغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان.
10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 138 بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە.