تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەردىكى سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان دوكلاتى بولسىلا ئايرىلسا بولىدۇ

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قاتناش يوللىرىنىڭ ھەممىسى نورمال، راۋان. سىرتتىن قەشقەرگە كەلگەنلەر ئايرىۋېتىلمەيدۇ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەنلىك دوكلاتىنى ئېلىپ يۈرۈشى ھاجەتسىز، پەقەت ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ساغلاملىق كودىنى سىكاننېرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرسىلا بولىدۇ. قەشقەردىن ئايرىلماقچى بولغان سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان دوكلاتى بولسىلا، قەشقەردىن نورمال ئايرىلسا بولىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، قەشقەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلق ھەممىدىن ئەلا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق خادىملارنى ئىلمىي باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى