تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قەشقەردە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 137سى يېڭىدىن كۆپەيدى

10-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر پەن يىڭ): قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە 10-ئاينىڭ 24-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى بايقالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېزلىكتە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ئۇچراشقۇچىلىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەن، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 14:00كىچە، تەكشۈرۈشتە 137 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قويۇشى ئارقىلىق، ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ بېكىتىلگەن.

  10-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى دوكلات قىلىنغان ئاغرىقنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇشلۇق قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر زاۋۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئادەم سانى 4 مىليون 746 مىڭ 500 كىشى بولۇپ، 2 مىليون 835 مىڭ 300 كىشىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلۈپ ئەۋرىشكە ئېلىنغان، 334 مىڭ 800 كىشىنىڭ نەتىجىسى چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە كوناشەھەر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئادەم سانى 245 مىڭ كىشى بولۇپ، 245 مىڭ كىشىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلگەن، 86 مىڭ كىشىنىڭ نەتىجىسى چىققان، يۇقىرىدا دېيىلگەن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىققان.

  گۇ يىڭسۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش، ھەرمىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەمدە خىزمەت گۇرۇپپىسى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى قەشقەرگە بېرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق قىلىش ئىشتابى 1-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويدى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تېزدىن كونا شەھەر ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇم ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

  گۇ يىڭسۇ مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، ھازىر 138 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزى ئاساسەن ئىگىلىنىپ، رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلىرى، ئادەتتىكى ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق خەۋپلىك كىشىلەر توپىغا ساغلاملىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» بويىچە تەكشۈرۈلىدىغان خادىملارنى قەرەللىك تەكشۈرۈشتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى بايقالغان. بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئايال، 17 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى 2-كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، شۇ كۈنى قەشقەردىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلگەن، ھازىر قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر يوق.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى