تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. شۈ خەيرۇڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، تارىخنى رېئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالتە جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھلىدى، چۈشەندۈردى. شۈ خەيرۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك. يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى قاتلامغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئەركىن تۇنىياز مەدەنىيەت، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق سىستېمىلاردىكى كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى سۆزلەپ، ھەممە ئائىلىنىڭ خەۋەردار بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، «1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىشى كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدىغان، مول جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قايتا جانلىنىشىنى تېزلىتىپ، قىش، ئەتىياز پەسىللىك ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋە 22 - كۈنى، تيەن ۋېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى بارلىق كادىرلار، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. تيەن ۋېن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاڭلىق ياخشى تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن يىغىن روھىنى ئەتراپلىق شەرھلىدى ۋە چۈشەندۈردى. تيەن ۋېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، مۇھىم ئورۇن، ۋاقىت بۆلىكىدە مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس تېما ئېچىپ، يىغىن روھىنى چوڭقۇر، كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل شەكىلدىكى لېكسىيەلەرنى تەشكىللەپ، يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى