تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، جاۋ شىيا

لېكسىيە جانلىق، شەرھلىنىشى دەل جايىدا، يېشىمى ئىنچىكە بولدى... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى، خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، غايە - ئېتىقادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مېڭ فەنلى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى پەرھات جالال، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې پىڭ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ يۈچۇن قاتارلىقلار 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق تونۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، مەزمۇنى مول بولدى.

«ئالىي مەكتەپلەر <قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش> بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان، بىز مەكتەپلەرنىڭ <بەشتە تەربىيەلەش ياتىقى> بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، <ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش>نى ۋاسىتە قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسى ئاساسىي بازىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقان، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋېي شىن لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ دوكلات زالىدا 300دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى نەق مەيداندا لېكسىيە ئاڭلىدى. شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياۋ چيەنيۈ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرى زىچچىدە توشۇپ كەتكەنىدى.

«ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرىمەن، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن. مائارىپ ئوقۇتۇشى جەريانىدا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسىنىڭ يېقىشچانلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىنى قاندۇرىمەن» دېدى ياۋ چيەنيۈ.

«لېكسىيەنى ئاڭلاپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، شۇنداقلا يۇرتۇمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى.» شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بوغالتىرلىق كەسپىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ زىخەن مۇنداق بىلدۈردى: «ۋاقىتنى قەدىرلەپ ياخشى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمنى بېغىشلايمەن».

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئاشتى... سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىغا ئىلھام بەردى.

شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ