تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە يىغىنىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتقانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە باشتىن - ئاخىر ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ شانلىق نۇرى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشۇش، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىش، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، سىياسىي كېڭەشنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قىلچە بوشاشماسلىق؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشقا كۈچ قوشۇشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇشتا ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا نەتىجىنى نامايان قىلىش؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇشتا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، تىرىشىپ خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئۆگىنىش چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك؛ تەشۋىقات دائىرىسىنى ئۇزارتىپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتە ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك؛ ئىش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش، سىياسىي كېڭەشنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلىشتا ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لېكسىيە يىغىنى سىن يىغىنى شەكلىدە ناھىيە، شەھەر، رايون دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ