تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى «پەيدىنپەي ئۆستى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىدىكى ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر ئاغرىقلار (قىسقارتىلىپ «تۆت تۈرلۈك كىشىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئېيىغا 500 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، بۇ، 2016 - يىلىدىكى 376 يۈەندىن 124 يۈەن ئۆسۈپ، ئېشىش نىسبىتى %33 بولدى؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى يىلىغا 4100 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، بۇ، 2016 - يىلىدىكى 2855 يۈەندىن 1245 يۈەن ئۆسۈپ، ئېشىش نىسبىتى %44 بولدى، 2020 - يىلى شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى سەۋىيەسى ئېيىغا 375 يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىدىكى 300 يۈەندىن 75 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %25 بولدى؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى سەۋىيەسى ئېيىغا 256 يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىدىكى 161 يۈەندىن 95 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %59 بولدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمى ئارقىلىق، جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتى سەۋىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەر يىلى بېكىتىدىغان پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدىن سەل يۇقىرى قىلىپ تەڭشەپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى راست نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى بەلگىلىمە بويىچە يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ئارىسىدىكى ئائىلىسىگە تايىنىپ بېقىلىۋاتقان ھەم ئۆز ئالدىغا نوپۇس تۇرغۇزغىلى بولمايدىغان ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر ئاغرىقلارنى يەككە ئائىلە بويىچە يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي شەھەر - يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى 1 مىليون 780 مىڭ كىشى بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى «تۆت تۈرلۈك كىشىلەر»نىڭ نىسبىتى 2016 - يىلىدىكى %44تىن %72كە ئۆستۈرۈلدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشىنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى