تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە كىشى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىلەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: داۋالىنىش كاپالىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنى سىجىل كۆپەيتىپ، تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 18 مىليون 133 مىڭ كىشى، 2017 - يىلى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 18 مىليون 668 مىڭ 900 كىشى، 2018 - يىلى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 19 مىليون 989 مىڭ 500 كىشى، 2019 - يىلى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 20 مىليون 380 مىڭ 900 كىشى بولغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى سىستېمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتى: بىرلىككە كەلگەن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «ھەممە كىشى بەھرىلىنىش»تىن «ھەممە كىشى ئادىل بەھرىلىنىش»كە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ غەملەش ۋە تەمىناتنى تەڭشەش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ غەملەش سەۋىيەسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇل ئۆلچىمى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈلدى. 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى 570 يۈەندىن 830 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مالىيە ياردەم پۇلى 390 يۈەندىن 550 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى دائىرىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنىڭ چىقىم نىسبىتى %70تىن يۇقىرى بولۇش مۇقىملاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ «ئاساسىي داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولۇش»نى زىچ چۆرىدەپ، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ياردىمى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى بويىچە مايىللىشىپ چىقىم قىلىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق كاپالەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى %100كە يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ساغلاملىق كاپالىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى كۆتۈردى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشتا دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە قاپلاشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشقىچە ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى بارغانسېرى پۇختا بولغان كاپالەت ئىقتىدارى بىلەن بىللە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاللىق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى