تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا، جانلىق شەرھلەش، كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە جاۋاب بېرىش... بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ قانات يايدۇرغان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ قومۇل شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قومۇل شەھىرىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

قومۇل شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سائادەت ئەمەت مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدا تېزدىن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) دۈەن لياڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچىسى نەنخۇ مەھەللىسىدە، دۈەن لياڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىپ گۇمانىنى تۈگەتتى.

«ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ ناھايىتى روھلاندىم». يېڭىشەھەر كوچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇ جۈەن مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن كۆپرەك ئۆگىنىپ، چوڭقۇر قاتلامدىن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتنىڭ كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تەۋەلىك رايوندىكى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن».

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى سۈن شيۇلىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە سىن يىغىنى شەكلىدە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

توقسۇ ناھىيەسى تەشۋىقات مەركىزىدىكى تەشۋىقاتچى گۈلشەن راخمان مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامدىكى بىر نەزەرىيە تەشۋىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېقىملىق تىل ۋە ئەتراپىمدىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ئاممىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىمەن».

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان جىڭ ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى. نەزەرىيە + سۈرەت + سىن شەكلى ئارقىلىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى.

«بۇ قېتىمقى لېكسىيە ناھايىتى ۋاقتىدا بولدى ۋە ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى، بۇ بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يىغىن روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزدە ناھايىتى ياخشى يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.» جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى باشى جاڭزا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ شىنلەي لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ۋاقتىدا ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ ۋە كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن».

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شوۋچىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە سىن يىغىنى ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. تەپسىلىي ۋە ئېنىق ماتېرىياللار، ھەقىقىي تەسىرات، جانلىق چۈشەندۈرۈشلەر كەڭ كادىرلارنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.

«لېكسىيە دوكلاتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن دەل جايىدا چۈشەندۈرۈپ، بىزنى مول نەپكە ئېرىشتۈردى». ئاقتۇ ناھىيەلىك شياۋبەيياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لياڭ خەيياڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، يىغىننىڭ روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شيا چىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ئەن يەن، كوۋ جۈنفېڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پەن تىڭ، جيا يۈەنخۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ