تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، كەڭ كادىرلار، ئامما 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يەتتى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىمىز.

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. چۈشتىن كېيىن، ئۇ جىڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭ بازىرى كاڭنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

«لېكسىيە دوكلاتىنىڭ پىكىر يولى ئېنىق، مەزمۇنى مول بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.» بورتالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي لېكتورى، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچى سۈي چياۋشيا مۇنداق دېدى: بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەھەللە، كەنت، گۇرۇپپىلارغا ئېلىپ كىرىپ، ھەممە ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيمىز.

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى سۈن شيۇلىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، بولۇپمۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ ياخشى پەرقلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى كىشىلەر توپىنى پۇختا سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۇۋچىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا سىن يىغىنى ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شېڭچۇ مۇنداق دېدى: «بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى، بولۇپمۇ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن».

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىر شيا چىڭ، بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى مىڭشىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ يىگۇاڭ، ۋاڭ شىيىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ