تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ئەتراپلىق، ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ يېقىنلىشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنى ئىنتايىن روھلاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىمىز.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن غۇلجا شەھىرىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە جانلىق، تەسىرلىك سۆزلەندى، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە ئىگە بولۇندى، ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىندى.

ئىلى ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لو يۆفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياشلىق ئەقىل - پاراسىتىمىز، ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى زالىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ ۋۇلۇڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا لېكسىيە سۆزلىدى. چۈشتىن كېيىن، ئۇ لوپ ناھىيەسىنىڭ شەھەر رايونى كوچىسى مىنلې مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

مىنلې مەھەللىسىنىڭ 1 - شۇجىسى سەمەت سىراجى مۇنداق دېدى: «سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مەن يىغىن روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. مەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن.»

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) ھەبى سالام پىچان ناھىيەسىگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. چۈشتىن كېيىن، ئۇ پىچان ناھىيەسىدىكى ئورگان، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى ۋەكىللىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

«لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىز ئىنتايىن روھلاندۇق.» پىچان ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جوۋ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. ئىلھام 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم نۇقتىئىنەزەر، مۇھىم، زور ھۆكۈم ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر تەرەپلىمە چۈشەندۈردى ھەم مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىگە كېلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ھىدروگېنلاشتۇرۇش بىرلەشمە سېخى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجيې مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولدى، بىز ھەممىمىز نەپ ئالغۇچىلار. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپىمىزنى قوشىمىز».

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. چۈشتىن كېيىن، ئۇ شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى خۇاديەن شىمالىي ۋۇسەيۋەن 1 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىقتىساد - تەرەققىيات ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سادىق سەمەت مۇنداق دېدى: «بىز مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىمىزنى ھەقىقىي تۈردە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز».

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) دۈەن لياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە لېكسىيە دوكلاتى بەردى. چۈشتىن كېيىن، چۆچەك شەھىرىنىڭ تىنچلىق كوچىسى مەيدان مەھەللىسىدە، دۈەن لياڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيداندا كەيپىيات قىزغىن بولدى.

مەيدان مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى نۇرلان زارقۇم مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قاتلامدىكى ياخشى لېكسىيە سۆزلىگۈچى بولۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى مەھەللىدىكى ھەربىر ئائىلىگە يەتكۈزىمەن».

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قورمانبېك بۇرچىن ناھىيەسىدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا چوڭقۇر مەزمۇندا لېكسىيە سۆزلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: « 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئۆگىنىش جەريانىنى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتنى ياخشىلاش جەريانىغا ئايلاندۇرىمىز».

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شوۋچىڭ يەكەن ناھىيەسىگە كېلىپ، سىنلىق يىغىن شەكلىدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ لېكسىيە سۆزلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: «3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شيا چىڭ، گې يوۋجۈن، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن گاۋ يۈفېي، چۆچەك مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېن بو، زېڭ جاۋمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى شىنئەن، تۇردى ئىمىن، زىۋەرگۈل قادىر، ليۇ شىنشىن، سۇڭ شۇچى، خو رەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى