تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سۇبيېكتلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

− 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، ئۇنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور ئىشى، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەركەز تارماقلىرى قوللايدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىدىغان، ماسلىشىدىغان، شىنجاڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».

دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم: شەيئىنىڭ تەرەققىياتى ئىچكى ئامىل بىلەن تاشقى ئامىلنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ، بىراق «تاشقى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ شەرتى، ئىچكى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى، تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق رول ئوينايدۇ» دەپ قارايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق ئاڭ تۇرغۇزۇشى، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئاچقۇچ.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىش باش قەھرىمانلىق روھىدىن ئايرىلالمايدۇ. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سۇبيېكتلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

جەزمەن ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. ئېتىقاد كۈرەش قىلىش يولىنى يورۇتىدۇ، ئىشەنچ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتقاندىلا، باشتىن - ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

جەزمەن سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى قوزغىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسى تارىخنى يارىتىشنىڭ سۇبيېكتى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىش زۆرۈر. بىر تەرەپتىن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۆلەنچۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، جەزمەن تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش، خەلققە بەخت يارىتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، ئەڭ زور چەكتە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، ھەممە بىر نىيەتتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جەزمەن توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھى ئېگىلمەس - سۇنماس، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىرادە - پەزىلەتنى نامايان قىلىدۇ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىنى نامايان قىلىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى شەرھلىدى. ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارغا تىرەك بولىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بىز توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا تېخىمۇ موھتاج.

جەزمەن مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، خىزمەتلەرنى بىر - بىرلەپ تەتقىق قىلىپ، ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە نىشاننى نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋەتەننىڭ ئىللىق چوڭ ئائىلىسىدە، 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى چوقۇم سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى