تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزىدى يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى

− ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئېمىل يېزىسى كۆك جايداق كەنتىدىكى دېھقان ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىگە مول ھوسۇل ئېلىنغان كۆممىقوناقلار ئاپتاپقا سېلىندى. ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناق بىلەن قىزىل رەڭلىك ئۆگزە ئۆزئارا جۇلالىنىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھاسىل قىلىندى. (ۋېن بو فوتوسى)

دېھقانلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى، قەلبلەر بەختكە تولدى، ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ سىناپ، چىن ھېسسىيات بىلەن پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، يېزىلار گۈزەللەشتى، دېھقانلار بېيىدى، يېزا ئىگىلىكى كۈچەيدى.

قىياپەت گۈزەل تۈسكە كىردى تەرەققىيات مۇھىتى ياخشىلاندى

پاكىز ھاجەتخانىلار تېز ئومۇملاشتى، مەينەت، قالايمىقان، ناچار مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئەخلەت، يۇندىنى تۈزەش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى... قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

«ئىلگىرى كەنتىمىزدە توپىلىق يوللا بار بولۇپ، ھەم تار، ھەم مېڭىش تەس ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزنىڭ مۇھىتىنى ياخشى دەپ ماختىشىدۇ» دېدى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسى قوچائېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل مەمەت.

ياخشىلانغاندىن كېيىنكى كەنت مۇھىتىنىڭ پايدىسىدا، ئارزۇگۈل كەنتتىكى ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. قوچائېرىق كەنتىمۇ ئۆز قىياپىتىگە تايىنىپ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلىپ، «ۋاڭخۇڭ داكا جاي»غا ئايلاندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «مىڭ، ئون مىڭ قۇرۇلۇشى»نى يېتەكچى قىلىپ، يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 9169 مەمۇرىي كەنتتە كەنت تازىلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كەنت قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزىلاردىكى پاكىز ھاجەتخانا 2 مىليون 240 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى قاپلاپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى، 7800دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىندى، 1900دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى شەھەر - بازار تۇرۇبا تورىغا ئۇلاندى ياكى مەركەزلەشتۈرۈش، ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئائىلە بويىچە بۆلۈش شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ساننى ئاشۇرۇش تىپىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش تىپىغا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 27 مىڭ 143كە يېتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئەزالىرى ھەم تۈرتكە بولغان ئەزا ئەمەسلەر سانى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان ئائىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %44.2ىنى ئىگىلەپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى ئىشەنچلىك ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلارنى بېيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1019 كەنت - گۇرۇپپا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تاماملاپ، مىقدارلاشتۇرۇلغان مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىنى 3 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك مالىيەسىنى باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

كەسىپلەر گۈللەندى دېھقانلارنىڭ يانچۇقى تومپايدى

چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى توپا ئېرىق كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئىككى موغىمۇ يەتمەيدۇ، ئىلگىرى كەنتتىكىلەر نامرات بولغانلىقتىن سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ھازىر بېيىپ قالتىس بولۇپ كەتتى.

توپا ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردىنىياز زاكىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى يىلدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسى كالا بېقىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، توپا ئېرىق كەنتىدىكى 266 ئائىلىلىك دېھقان جەمئىي 13 مىليون 160 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئىلتىماس قىلدى، بۇنىڭ %80ى كالا، قوي باقمىچىلىقىغا سېلىندى، پۈتۈن كەنتتىكى قوتاندا بېقىلىۋاتقان كالا سانى 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 84 تۇياقتىن كۆپىيىپ ھازىرقى 580 نەچچە تۇياققا يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ھەرقايسى جايلاردا كەسىپ بار بولدى، ھەممە كەنتتە خاسلىق بار بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئېشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. خوتەن ۋىلايىتىدىلا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى چارۋىچىلىق باشلامچى كارخانىلىرى ماكانلىشىپ، 460تىن ئارتۇق باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 450 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنى قاپلىدى، زور بىر تۈركۈم كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 12 مىڭ 497گە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدە 167 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتىلدى. ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باغچە رايونىدىن 43ى قۇرۇلۇپ، 1000دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىندى. بۇ ئاساستا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «شىركەت (كارخانا)+كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات (مەھەللە پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى)+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزە ئارقىلىق، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا، ئىككىلەمچى پايدىنى قايتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دېھقانلار ھەقىقىي تۈردە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، نەپ ئالغۇچىلىرىغا ئايلاندى.

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چوڭ قەدەمدە تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك مەدەت بېرىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدا رايون خاراكتېرلىك سودا، يىغىش - تارقىتىش ئورنى قۇرۇلۇپ، خوتەن، ئاقسۇ، قاغىلىق قاتارلىق باغ - ئورمانچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ساقلاش، پىششىقلاش، سودا، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزىدىن ئونى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، «ئۆزى قۇرۇش+قوشۇۋېلىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تور نۇقتىسىدىن جەمئىي 3300دىن كۆپرەكى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك مەدەت بېرىلدى.

غەيرەت تولۇپ تاشتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى كۈچەيدى

ئاشلىق ھەم مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «ئاساسى».

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، بۇغداي تېرىش پىلانىنى ئۇدا چۈشۈرۈپ، ئاشلىق تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى يىلدىن - يىلغا ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل يۇقۇم قاتارلىق كۆپ خىل سىناقلار ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، بالدۇر، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 336 مىڭ توننا ئېشىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

«ئىلگىرى ھوسۇلنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ھاۋارايى بەلگىلەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە پەن - تېخنىكىغا تايىنىدىغان بولدۇق.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىشى بىلەن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي يەنە تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ياخشىلىنىپ ۋە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

باغ - ئورمانچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كەسىپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بازا قۇرۇلۇشى چۆرىدىلىپ، باغ - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، باغ - ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چىلانلىق، ياڭاقلىق باغلارنى ئۆزگەرتىش كۆلىمى جەمئىي 644 مىڭ مو، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش كۆلىمى 18 مىليون مودىن ئارتۇق، ئاساسلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆلىمى 11 مىليون 220 مىڭ مو تاماملىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغ - ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغاپ يولغا قويۇپ، بەش يىل سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ 8 مىليون گۆش قويى، 200 مىڭ سۈت كالىسى، 300 مىڭ گۆش كالىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، رايون ئىچىدە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلار بەس - بەستە شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىقىغا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا جانلىنىش ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، ئۈنۈمى مۇقىم ئېشىپ، ھەم «كۆك - تاق»نى موللاشتۇردى ھەم تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى