تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارغا بېرىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە، ھەرىكەتنى يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىن زالىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. لى جۈەن باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق مىساللارنى قوللىنىپ، ئۆز تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

«لېكسىيە دوكلاتىدا ھەم چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك نەزەرىيەۋى بايانلار بار، ھەم ئەمەلىيەت قاتلىمىدىكى تەدبىرلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھام ئالدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار بۇ قېتىمقى لېكسىيە پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، مول مەزمۇنلۇق تەشۋىقات، لېكسىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا «3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئالتە جەھەتتىن سىستېمىلىق شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

سانجى ئوبلاستلىق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى زەينەپ مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى مول، نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تېما تەتقىقاتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزاھلاش، ئومۇملاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز، بولۇپمۇ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرىمىز».

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان قاراماي شەھىرىدە لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلات يىغىنىدا، ئىلھام ئوسمان نەزەرىيە+سۈرەت+سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى، ئاساسىي پىرىنسىپىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھلىدى.

شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى كارخانا مەدەنىيىتى باشقارمىسى (پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى) ئىدىيەۋى - سىياسىي بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى لى پېڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، قاراماي نېفىتچىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلايمەن».

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قورمانبېك ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا لېكسىيە سۆزلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى يەنە ئالتاي شەھىرىنىڭ چاشيۇ يولى كوچىسى خۇڭشى مەھەللىسىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، سۆھبەتلەشتى. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئېركەش قورمانبېك چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك تەھلىل قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، ھەم ماكرولۇق تەپەككۇر، ھەم مىكرولۇق تەھلىل قىلىپ، كۆپچىلىكنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كۆپ قاتلام، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ مەھەللىدە پىراكتىكا قىلىۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى جياڭ جۈنيى مۇنداق دېدى: «لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلاپ مەن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم، مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاساسىي قاتلامغا ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ تىنچ، گۈزەل، بەختلىك ئالتاي قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ياشلىق كۈچىنى بېغىشلايمەن».

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) ھەبى سالام تۇرپان شەھىرىگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسىدە، ئۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ لېكسىيە سۆزلىدى.

باغرى مەھەللىسىنىڭ كادىرى شەمدىن نۇردىن مۇنداق دېدى: «مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن».

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۇچىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، تەشۋىق قىلدى. دوكلات يىغىنىنى ئاڭلىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: دوكلاتنىڭ پىكىر يولى ئېنىق، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشتە ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار شيا چىڭ، جاڭ يەنفاڭ، گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ خەيجۈن، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن تيەن خۇايىڭ، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ ۋېيشۈەن، تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جيەنشەن، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ مېڭشىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى