تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2020 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2020 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەن مۇدىرى) لى يىفېي ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەلىك كادىرلار قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي ئىقتىدارنى تاۋلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئاساسىنى جۇغلاپ، پۇختىلاپ، سىياسەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، كۈچلۈك بولغان ئەمەلىيەت قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئامما خىزمىتى ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ساپا، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلاردىن بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى