تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بەختلىك تۇرمۇشقا «زاكاز چۈشۈردى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باغۋەنلەر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بىڭشۆ مىسۈييۈەن ئالما كۆچىتىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ تىكىپ ئۆستۈرۈشتىن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا ئالما ئۈزمەكتە. ئونسۇ ناھىيەسىدە 111 مىڭ 200 مو يەردىكى ئالمىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىنىڭ ياردىمىدە، ئالمىلار سانسىزلىغان ئائىلىلەرگە سېتىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جانلىنىپ كەتتى. ھەرقايسى جايلار ھۆكۈمەت يېتەكلەشنى جەمئىيەت قاتنىشىشقا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولدى.

توردىكىلەر ۋە تور سىرتىدىكىلەر، ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىدىكىلەر، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەنلەر گۈزەل ئۈمىدكە تولغان زاكازلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى بىرلىكتە يارقىن «نەتىجە تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا بىر كاتتا سوۋغا سۇندى.

توردىكىلەر ۋە تور سىرتىدىكىلەر كۈچەش ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تورى توقۇش

بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، زاكاز قىلىنغان 10 مىڭ يەشىك يېڭىسار ئۆرۈك قېقىنىڭ ھەممىسىنى يولغا سالدى.

«يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسى (نامراتلارنى يۆلەش 832 سۇپىسى) ھەمدە ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ تور سۇپىسىدا سېتىش ئارقىلىق، بۇ يىل بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ياخشى سېتىلدى. نۆۋەتتە، توردا سېتىش سوممىسى ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ %40ىنى ئىگىلىدى» دېدى شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈچيەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تور سۇپىسىنىڭ ماركېتىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات رايونلار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسى، ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا 229 تەمىنلەش سودىگىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش 832 سۇپىسىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشى تاماملىنىپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 100 مىليون يۈەندىن ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزىدىن 47 سى، يېزا - كەنت دەرىجىلىك پونكىت نۇقتىسىدىن 3189ى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى.

توردىكىلەر ۋە تور سىرتىدىكىلەر تەڭ كۈچىدى. ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا كوپىراتىپى شىنجاڭ سىرتىدىكى تور «سودا ساراي، تاللا بازارلار بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش»تىن ئىبارەت سېتىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، خام، يېڭى مەھسۇلاتلارنى زەنجىرسىمان سېتىش يوللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھۆل، قۇرۇق مېۋىلەرنى سېتىش سالمىقىنى زورايتتى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى جەمئىي قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن 3000 توننىغا يېقىن، يېڭى مېۋىدىن 200 توننىدىن ئارتۇقنى ماڭدۇردى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينىدى. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ھەرقايسى جايلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئورگان، كارخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، قىسىم قاتارلىقلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى. ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى مەزگىلىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەخمىنەن 50 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى، سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 700 مىليون يۈەن بولدى.

كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش

چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك قېقى، قىزىلگۈل يۆبىڭى... 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە بىر مەيدان مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىن كەلتۈرۈلگەن 180 خىلدىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش خاس مەھسۇلاتى پۈتۈن بانكا خادىملىرىنىڭ تاللىشىغا قويۇلدى، شۇ كۈندىكى سودا سوممىسى 30 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ھۆكۈمەت يېتەكلەش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، جەمىئيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلارنىڭ نامرات رايونلارنىڭ 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىشىغا ۋە سېتىشىغا ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولدى؛ ئىقتىسادى كۈچلۈك 33 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان 27 ناھىيە (شەھەر)دىن بىۋاسىتە سېتىۋالغان ۋە سېتىشىغا ياردەم بەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سوممىسى 93 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى. پۇقراۋى كارخانىلار بىۋاسىتە سېتىۋالغان ۋە سېتىشقا ياردەم بەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەخمىنەن 431 مىليون يۈەن بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك 70 جەمئىيەت تەشكىلاتى 934 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەندى ۋە سەپەرۋەر قىلىندى، 60 مىليون 610 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىندى، بىۋاسىتە قاتناشقان ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قىممىتى 8 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى پائالىيىتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى يەنىلا قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش تەرتىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۆتكىلى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېشىل يولىغا كىرگۈزىدۇ. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىدىن جەمئىي 1641نى، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش كارخانىسىدىن 392نى بېكىتتى، بۇ، 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 78 ناھىيە، شەھەر، رايونغا چېتىلىدۇ، تاۋار قىممىتى 16 مىليارد 753 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پوكىيى، مەخسۇس سارىيى، مەخسۇس رايونى قۇرۇلۇشىمۇ تېزلىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - تۈركۈمدە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پوكىيىدىن 2000دىن ئارتۇقى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قويۇلدى، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى، نۆۋەتتە ئەمەلىيلەشكەن ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پوكىيى 124. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس سارىيى قۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىلىۋاتىدۇ، 1 - تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى 28، نۆۋەتتە قۇرۇلغان ھەم تىجارەت باشلىغان (دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس سارىيى 70. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى، سودا ساراي، تاللا بازار قاتارلىقلاردا نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەخسۇس رايونى، يايما ئورنى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى، 1 - تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى 500، نۆۋەتتە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس رايونىدىن 354ى قۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىجارەت - سودا يوللىرىنى كېڭەيتىش، نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، «نامراتلارنى يېتەكلەش»نى مەركەز قىلىپ، دەل جايىدا بولۇش تەلىپى، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە نامرات ئامما قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە نامرات ئامما ۋە سېتىۋېلىش سۇبيېكتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت باغلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «دەل جايىدا يېتەكلەش» «مۇقىم يېتەكلەش»تىن ئىبارەت ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارنى ئازايتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى