تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەيلى

− 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر ياخشى ھېكايە، بىرمۇنچە قائىدىدىن ئەلا. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك».

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى زورايتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۆستۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

بىزدە شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان يېتەرلىك ئىشەنچ بار. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق بىرقاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تەبەسسۇمىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر − كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم بولغانلىقى، كۆڭلىنىڭ ئارامىغا چۈشكەنلىكى، بىرىكمە كۈچنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنى قۇرۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ئەكس ئەتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشى شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچ، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

شىنجاڭ تەرەققىيات داۋامىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، گۈللىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغانلىقىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان سەھىپە پۈتتى. شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەشتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك تۇرمۇشىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەش ۋە ياخشى سۆزلەش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش ھېكايىسى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھېكايىسى... ھەربىر تەسىرلىك ھېكايىلەر ھەممە ئائىلىلەرگە تارقىلىپ، كاللىغا، قەلبىگە ئورناپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىغا بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەش كېرەك. ھېكايە سۆزلەشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەشۋىقات - ئىدىيە كادىرلىرى «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى ئۆتكۈر» بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئامما چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، «لاي چاپلاشقان»، «شەبنەم چۈشكەن»، «ھورى چىقىپ تۇرغان» ماقالىلەرنى يېزىپ، پۇقرالار ياقتۇرىدىغان سىن سۈرەتلىرىنى تارتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ «ئاممىغا يېقىن» قىلىپ، «كىشىلەر»نى تېخىمۇ جەلپ قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۆپ خىل شەكىل ۋە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە گۈللەنمە تاراتقۇلار بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى پائالىيىتى، كىنو - تېلېۋىزىيە ناخشىسى قاتارلىق سەنئەت ئىجادىيىتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت تەشۋىقاتى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ماسلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق تارقىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى سۆزلەش كېرەك.

شىنجاڭ زادى قانداق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، ھەممە ئادەم «چۈشەندۈرگۈچى» دەيدىغان ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچى، تارقىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ھەربىر شىنجاڭ ھېكايىسى خۇددى مەشئەلگە ئوخشاش ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە، مەردانىلىك بىلەن، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن پارتىيەنى مەدھىيەلەپ، ۋەتەننى مەدھىيەلەپ، خەلقنى مەدھىيەلەپ، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قايناق ھېسسىياتى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى