تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مارالبېشى ناھىيەسى: پەن-تېخنىكا پاختا تېرىش «ئادەمسىز مەشغۇلات»ىغا كۈچ قوشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رىزۋانگۈل): ھازىر، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدە پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، پاختا تېرىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، پاختا يىغىۋاتاتتى. شۇ جايدىكى دېھقان ئابدۇقادىر مەمەت مۇنداق دېدى: «ھازىر چوڭ تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسى ئارقىلىق پاختا تېرىۋاتىمىز، ئۈنۈمى خېلى يۇقىرى بولدى.» دېدى.

ئابدۇقادىر بولسا سېرىقبۇيا بازىرى يولۋاسقوتان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 100 مو يەرگە كېۋەز تېرىغانىدىم، قول بىلەن پاختا تېرىشقا 40 نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى. بۇ يىل پاختا تېرىش ماشىنىسى ئارقىلىق، ئىككى كۈندىلا ھەممىسى يىغىۋېلىنىپ بولدى. ماشىنا بىلەن ئۈزگەندە ۋاقىت ھەم پۇلنى تېجىگىلى بولىدىكەن، ئۈنۈمىمۇ ياخشى ئىكەن.»

ئىگىلىنىشىچە، مارالبېشى ناھىيەسىدە بۇ يىل 1 مىليون 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىدا يىغىۋېلىنغان كېۋەزنىڭ كۆلىمى 320 مىڭ مودىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە جەمئىي 60دىن ئارتۇق پاختا تېرىش ماشىنىسى ئاجرىتىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ پاختا تېرىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش ۋە پاختىنى ماشىنىدا يىغىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ۋە پاختا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيەدە %90تىن ئارتۇق ئېتىز-ئېرىقلاردا ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئىشقا ئاشۇرۇلغان. پەن-تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، شۇ جاي ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمگەك تەننەرخىنى تېجەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ بېيىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ