تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرىچە %11.22 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى تېز ئېشىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرى 2015 - يىلىدىكى 79 مىليارد 10 مىليون كىلوۋات سائەتتىن كۆپىيىپ 2019 - يىلىدىكى 120 مىليارد 906 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %11.22كە يەتتى.

كەسىپلەردىن قارىغاندا، 2015 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 - كەسىپ، 2 - كەسىپ، 3 - كەسىپ ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن توكنىڭ يىلىغا ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %4.77، %9.92، %15.69، %10.22 بولغان.

«توك مىقدارى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى «13 - بەش يىل»دىن بۇيان ئىزچىل مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، بۇ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ 3 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنىڭ تېزلىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلانغانلىقىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ماركىتېڭ بۆلۈمىنىڭ بازار ئېچىش - باشقۇرۇش مەخسۇس مەسئۇلى دوۋ بو.

شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن توك ئىككى خانىلىق سان بويىچە يىلىغا ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. دوۋ بو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، شەھەر، يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش سەۋىيەسى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاھالىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئېلېكتىرلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زور بىر تۈركۈم ئېلېكتىر تورى نۇقتىلىق تۈرلىرىنى قۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالى بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ قالدى؛ تارىم ئويمانلىقىنى ئايلانغان مارالبېشى − يەكەن، قەشقەر − يەكەن، يەكەن − خوتەن قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توك پار بىلەن ئىسسىيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش(1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىدا 316 مىڭ ئائىلىلىك ئۆينى توك پار بىلەن ئىسسىيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تاماملاندى؛ ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتتى...

بۇ تۈرلەر شىنجاڭنى 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىنىڭ جىددىي بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا 750 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى مۇھىم پونكىت - نۇقتىدىن 24ى بار، تىرانسفورموتور سىغىمچانلىقى 60 مىليون 500 مىڭ كىلوۋولت ئامپېر بولۇپ، «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقا تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول»دىن ئىبارەت ئېلېكتىر تورى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى