تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قومۇلدىكى 1000 مودىن ئارتۇق ئىنچىكە لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خۇا خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىدىكى 1000 مودىن ئارتۇق ئىنچىكە لازا يىغىش مەزگىلىگە كىردى، بىر نەچچە كومبايىن قىزىرىپ پىشقان لازا ئېتىزلىقىدا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى يىغقان لازىلارنى «ئۆرۈپ» داۋاملىق ئاپتاپقا سېلىۋاتقان بولۇپ، ئېتىزلىقتا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى ھۆكۈمەت يېتەكچى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچى بولۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «زاكازلىق لازا»نى كىرگۈزۈپ، زاكازلىق تېرىش، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشقان.

لازا يىغىش ماشىنىسى (كومبايىن) شىنجاڭ قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ لازا ئېتىزلىقىدا لازىلارنى يىغماقتا.
تىراكتور شىنجاڭ قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ لازا ئېتىزلىقىدا لازىلارنى توشۇماقتا.
دېھقان يىغىۋېلىنغان لازىلارنى قاچىلاپ توشۇماقتا.
دېھقانلار لازىلارنى ئاپتاپقا سالماقتا.
لازا يىغىش ماشىنىسى(كومبايىن) شىنجاڭ قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ ئېتىزلىقىدا لازا يىغماقتا.
شۇ جايدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى دېھقانلارنىڭ لازىلارنى ئاپتاپتا سېلىشىغا ياردەملەشمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى