تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزايلى

− 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنبەسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.» بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەردە كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە يۆنىلىش يولى كۆرسىتىپ بەردى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايوننى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزغانسېرى چوڭايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئالغا بېسىشىدىكى ئۇل تاش. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭدىكى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايوننى پائال بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئۆزئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش دىنلارنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

ئىدېئولوگىيە خىزمىتى خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك. خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا، ئەبەدىي ئەمىنلىك بولىدۇ؛ خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىسا، بالايىئاپەت ياندىن چىقىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ زىيالىيلار خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

دەرەخنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولسا، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولىدۇ، دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇستەھكەم بولسا، شاخلىرى باراقسان بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇلسا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەر دائىم پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جەزمەن تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ