تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەيلى

− 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

قەدىمدىن بۇيان چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپقان؛ چېگرا رايون قالايمىقان بولسا، دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇش تەس بولغان. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن - ئىشلەنمىگەنلىكىدە ئەڭ ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، تىنچ - ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت ۋەزىيىتىنىڭ ساقلانغان - ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ بارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇدا ئۈچ يىل ئون ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باش نىشان شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ. لېكىن تىنچلىقتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بىز شۇنچە يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەشتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسەت، تەدبىرلىرى ۋە شەكىل - ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەشتە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك. قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى. بىز قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىنى بىخ ھالىتىدە، يۈزبەرمىگەن باسقۇچتا قەتئىي توسۇپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەشتە ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئامما خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئاندىن باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بىز بىر قولدا زوراۋان - تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلىسەكلا، ئاندىن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىيەلەيمىز، ئاندىن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ