تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلىشىشقا ئاتلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشى ۋە چارۋىچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلىشىش مۇساپىسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 20 مىليون 625 مىڭ 700 كىلوۋاتتىن 22 مىليون 768 مىڭ 800 كىلوۋاتقا كۆپەيدى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %66.04تىن %68.57كە يەتتى، ماشىنىلىشىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئاساس ۋە تىرەككە ئايلاندى.

پاختا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماشىنىلاشقان يىغىۋېلىش كۆلىمى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون مودىن ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش كۆلىمى 4 مىليون 862 مىڭ 300 مودىن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 14 مىليون 150 مىڭ موغا يەتتى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1145تىن 2356گە كۆپەيدى، پاختىنى ماشىنىدا يىغىش سەۋىيەسى %20.71تىن %53.91كە ئۆستى.

بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئىلغار، قوللىنىشچان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى قاتارلىقلاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىدى.

يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىمۇ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىسىگە بېيدوۋ يول باشلاش مۇلازىمىتى ئىشلىتىلگەن، زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ سانى 5000دىن ئاشقان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن زىرائەت پەرۋىش قىلىش مەشغۇلات كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى