تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئامما خىزمىتى ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلالايدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك».

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپ خىللىشىدۇ، بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. بىز جەزمەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى دىيالېكتىك تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يەردىكى ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك قابىلىيەت بىلەن نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى، بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە خىل ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى، بۇ دەل يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە كۆزدە تۇتۇلۇپ، كادىرلارغا، بولۇپمۇ ياش كادىرلارغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ بولۇپ، مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىدىكى زۆرۈر بولغان تۈرلۈك ئىقتىدارلار ئىچىدە، سىياسىي ئىقتىدار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي ئىقتىدار بولغاندىلا، ئاندىن ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق»، «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشقا پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي قىلىش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشقا پايدىسىز بولغانلىكى ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك! سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي ئامىلنى ئىگىلەش، بولۇپمۇ ھادىسىدىن ماھىيەتنى تونۇش، كۆزى ئۆتكۈر بولۇش، ئىشنى بالدۇر بايقاش، ھەرىكىتى تېز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىدىن ئەيمىنىپ، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا «زېرەك ئادەم»، «سەمىمىي ئادەم» بولۇش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنى ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى چوڭقۇر كۆرسەتتى: «مەيلى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش بولسۇن ياكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بولسۇن، كەڭ مۈرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پولاتتەك مۈرىگە ئېھتىياجلىق؛ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ماھارەتنىڭ يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇشىغىمۇ ئېھتىياجلىق.» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئەمەلىيەت ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئويلايدىغىنى، ئالدىرايدىغىنى، ئۈمىد قىلىدىغىنىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەرگە باي بولۇش، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇش، رايون ۋە تارماقلارنىڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى چوڭ تاختا شاھمات ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە ماھىر بولۇش، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ۋەزىيەتكە شان - شەرەپ قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەيسەرلىكنى، پىداكارلىقنى ساقلاپ، ئىش قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن ئىلمىي روھنى بىرلەشتۈرۈپ، چىقارغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشقا ماھىر بولۇپ، خەۋپ - خەتەر يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش تونۇشى ۋە جاسارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، كىرىزىسنى تۈگىتىش كېرەك. ئامما خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا قىيىن مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئارقىلىق، خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش باشتىن - ئاخىر بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئىستىقبالى پارلاق يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق كىرىزىس تۇيغۇسى بىلەن، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈش، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا پەي - سۆڭەكلىرىمىزنى چىڭىتىپ، قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرسەكلا، بىز باشتىن - ئاخىر ھەرقانداق خەۋپ - خەتەردىن قورقۇپ قالماي، ھەرقانداق كاشىلىدىن قايمۇقۇپ قالماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىلگە سىلجىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ