تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا، يېڭى كۈچ بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش پارتىيەنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان.

2020 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قاراتمىلىق ھالدا ياش كادىرلارنىڭ ئىدىيەدە تاۋلىنىشى، سىياسىيدا چېنىقىشى، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشى، كەسىپ جەھەتتە مەشىق قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ توغرا يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەريانىدىكى شەكىلۋازلىقنى قەتئىي يېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مەسىلە دەۋرنىڭ ئاۋازى، تارىخ ھەمىشە مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ماركسىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، ئىسلاھاتنى تۇتۇشىنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەجرىبە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتىن ئىبارەت. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، ھەربىر دەۋرنىڭ ھامان ئۆزىگە مەنسۇپ مەسىلىلىرى بولىدۇ، پەقەت بۇ مەسىلىلەرنى ئىلمىي تونۇپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، توغرا ھەل قىلساقلا، جەمئىيىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز. ياش كادىرلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا قابىلىيىتىنى تاۋلىغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بوشاشماي كۈرەش قىلالايدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تاشقى مۇھىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق پەيدا بولدى. كېلەر يىلى بىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپ خىللىشىدۇ، بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. دۆلىتىمىز داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. «ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.» خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك، «مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئامما خىزمىتى ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلالايدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك».

«ئىرادىلىك، ئالىيجاناب كىشىلەر ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.» بىز ئىستىقبالى پارلاق يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، پەقەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن پۇرسەتنى تۇتقىلى، خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئىقتىدارىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي چېنىقتۇرۇپ، كۈچلۈك قابىلىيەت بىلەن نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، پۇختا قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر تاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىپ، بىر جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر ياردىن ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىقى، بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى