تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

− 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

مۇساپە قانچە ئۇلۇغ بولغانسېرى، يول باشلىغۇچى كۈچكە شۇنچە موھتاج بولىمىز. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بايراق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدۇ. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىتىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ۋەزىيەت چوڭقۇر كۆزىتىلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش نەزەرىيەسىنىڭ جەۋھىرى ۋە يۈكسىلىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ شارائىتتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان چوڭقۇر تەپەككۇر، شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە بولغان چوڭقۇر - ئۇزاق پىلان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان ئىلمىي يېتەكچىلىك تولۇق نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى مۇساپە، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مىللەت - دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق؛ ئۇلۇغۋار ئىشلار ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، چەكسىز روھلاندۇردى، بىز مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالىتىمىز ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىمىز بىلەن، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى