تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىدا ئۇدا رېكورت يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 81 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 213 مىليون ئادەم قېتىمغا ھالقىپ، ساياھەت كىرىمى 140 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن تېزلىكتە 363 مىليارد 262 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولدى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يىلمۇيىل يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىدا ئۇدا رېكورت يارىتىلدى.

2016 - يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 81 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشتى؛ 2017 - يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 107 مىليون 255 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.38 ئاشتى؛ 2018 - يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 150 مىليون 248 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.09 ئاشتى؛ 2019 - يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى تۇنجى قېتىم 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 213 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.96 ئاشتى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ساياھەتچىلىك تېز سۈرئەتتە ئېشىشتەك يۇقىرى ئۆرلەش يولىغا كىردى.

ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتى ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى، ئېسىل لىنىيەلەرنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن توققۇزى بار ئىدى. ئېسىل مەنزىرە رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق، شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا بار بولغان دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 13 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 90گە يېتىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرى 100دىن ئېشىپ كەتتى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق ساياھەت تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بوغما ھالەتنى كۈچەپ ھەل قىلدى. «ساياھەت +» چوڭ ئىشىدا قالتىس نەتىجىلەر كەينى - كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى، قار - مۇز ساياھىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى تېخىمۇ جۇلالاندى، ساياھەتچىلىك تۈرتكىلىك ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، پۇقرالارغا ئەڭ كەڭ دائىرىدە بەخت يارىتىدىغان خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى