تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ − گۈزەل مەنزىرە، شۇنداقلا بەخت ئاساسىي رەڭگى

خوۋ خۇي

بۇ سەككىز كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىشتا، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر ياخشى كەيپىيات بىلەن «جاھاندىكى گۈزەل ماكان» قاناسقا بېرىپ، شىنجاڭدىكى تەڭداشسىز كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى؛ كامېرالىرىنى ئېلىپ، زۇمرەتتەك سۈيى دولقۇنلاپ تۇرغان تارىم دەرياسى بويىغا بېرىپ، توغراقلىقنىڭ ئالتۇن رەڭلىك شولىسىنى سۈرەتكە ئالدى؛ كائىناتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن سىرلىق نۇرجا چوڭ جىلغىسىغا بېرىپ، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سالدى؛ قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمىتى بىلەن مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا بېرىپ، تەبىئەتتىكى ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان كارامەتلەردىن ھۇزۇرلاندى...

كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ بۇ مەنزىرىلىرى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى جانلىق شەرھلەپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش... ھەممىگە ياد بولۇپ كەتكەن بۇ سۆزلەر قەلبلەرگە سىڭىپ، ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، بىرمۇبىر كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئۆزگەردى: «كۆكيار» چۆللۈكنى يېشىللىققا پۈركىدى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ھاياتىي كۈچ قايتا نامايان بولدى، ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئۈرۈمچىدە كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى دائىم كۆرگىلى بولىدىغان بولدى...

زور بىر تۈركۈم مۇھىت تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىمىزنى، مۇزلۇق - قارلىق دالىلىرىمىزنى، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قوغدىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل تاغ - دەريالىرى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلاندى، كىشىلەر قەلبىدىكى شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان ۋە تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندى.

چەكسىز سېھرىي كۈچىنى تارقىتىۋاتقان تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارمۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتىكى كىشىلەرنى بېيىشقا يۈزلەندۈردى.

ئالتۇن كۈزدىكى شىنجاڭدا، تاغدىكى قاتمۇقات ئورمانلار رەڭدارلىشىپ، دەريا - ئېقىنلار ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، شەھەر - يېزىلاردا قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ئاپئاق بۇلۇتلار گويا كىتابخانىنىڭ دېرىزىسىگە ئېسىپ قويۇلغان يۆگىمە رەسىمدەك ئاستا - ئاستا يېيىلىدۇ؛ كەچقۇرۇن، بىنالار ئارىسىدىكى يارقىن كەچكى شەپەق خۇددى ئانار گۈلىدەك جۇلالىنىدۇ − بۇ پەيتلەر، بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەن كىشى قانداقمۇ ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن، قانداقمۇ مېھرىنى ئۈزەلىسۇن؟

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇمىي بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى