تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇقنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ھەم جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە - ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا جۇڭگودىكى قۇملۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ، يېرى دۇچ كېلىۋاتقان قۇملىشىش تەھدىتى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دائىرىلىك قوغداش، سۈنئىي ياردەم بېرىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى، 2019 - يىلىغىچە، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش كۆلىمى جەمئىي 24 مىليون 670 مىڭ مو (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېقىنلىشىپ، دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قۇملۇقنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى.

5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ قۇملاشقان يەر كۆلىمى 747 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ يەر كۆلىمىنىڭ %44.87ىنى ئىگىلىگەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇملاشقان يەر كۆلىمىنىڭ %43.41ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، خېلى بىر قىسىم رايونلار قۇم - توزان مەنبە رايونى ۋە قۇم - توزانلىق بوراننىڭ يۆتكىلىش يولىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇ جاينىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى قىيىن بولغان، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دائىرىلىك قوغداش بولغان.

قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە، بوستانلىق بىلەن تۇتاشقان رايونلاردا، قۇملۇق گىرۋەكلىرىنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ئورمان، تەبىئىي ئورمان ياكى سۈنئىي قۇم توسۇق قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قوغدىلىپ، بوستانلىق خاتىرجەم تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ دۆلەتلىك قۇملاشقان يەرلەرنى دائىرىلىك قوغداش رايونىنى پائال تەسىس قىلدى، قوغداش رايونىنى قاشالاش ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى دائىرىلىك قوغداش مېخانىزمى شىنجاڭنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيەسىنى مۇھاپىزەت قىلماقتا، كاتەكچىلەپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق سۈنئىي قۇم توسۇقلىرى قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتناش مۇھىم يوللىرىنى مۇھاپىزەت قىلماقتا.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قىممەتلىك سۇ تېجىلىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە تەبىئەتكە قايتۇرۇلدى. تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ۋەكىللىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارغانسېرى كۆپ مىقداردىكى سۇ ئېتىزلىقلاردىن كەڭ قاقاسلىقلارغا يەتكۈزۈلۈپ، توغراق، سۆكسۆك، يۇلغۇن ۋەكىللىكىدىكى چۆل ئۆسۈملۈكلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا قايتا جانلاندۇرۇلدى، تېخىمۇ كۆپ كۆچمە قۇم مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىلگىرى قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

قۇمنى تىزگىنلەش شارائىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان ئاشۇ جايلاردا، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى تەبىئەت بىلەن «ھەمكارلىشىش»قا بارغانسېرى مايىللاشتۇرۇلۇپ، ھەم تەبىئەتكە پايدىلىق بولغان، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان شەكىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. كىشىلەر جانلىقلار ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ قۇملۇق كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئۈنۈملۈك يول بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش «جەڭ مەيدانى»نى بوستانلىق ھەم ئۇنىڭ گىرۋەكلىرىدىن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە مۇقىم، تەرتىپلىك سىلجىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يوشۇرۇن قۇملاشقان يەرنى تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، كەلگۈسى مۇھىتقا بولغان يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. تىزگىنلەش دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا قۇملاشقان يەر كۆلىمىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز ئاستىلاپ، ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى