شۆ ۋېيچىڭ
مەملىكەت بويىچە شاد - خۇراملىققا چۆمىدىغان بايرام بولغان «1 - ئۆكتەبىر» مۇقەررەر جۇمھۇرىيەتنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت تۈگۈنى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدا يەنە ئۆزگىچە خۇشاللىق ۋە ئىلھام بار:
خۇشاللىق شۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.» بۇ سۆز، 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى، تەنتەنىگە چۆمدۈردى.
ئىلھام شۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەرھلەپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئىگە قىلدى.
خۇشاللىق ۋە ئىلھامدىن سىرت، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قارىشى ۋە ئۇنى پىلانلىشىنىڭ شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تۈپ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالمايمىزكى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالمايمىزكى، دۆلەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، «قان ئىشلەش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 65 يىللىق مۇساپە شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقان دۆلىتىمىزلا شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، تىنچ - ئىتتىپاق بولۇشىدىكى يۆلەنچۈك.
ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېرىشكىنى پەقەت 2020 - يىلىدىكى مول ھوسۇل بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىدىغان ئىشەنچ ۋە بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن ھالقىشقا قەدەم باسىدىغان جۇشقۇن ھېسسىيات بولدى.
قارىسام چوغدەك قىزارغان بارچە تاغ، قاتمۇقات ئورمان تامام ئىچكەن بوياق. دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچيۇ «ئۇچراشقان» بۇ قېتىمقى ئۇزاق دەم ئېلىشتا، بىز بۇ ئازادىلىك ۋە خاتىرجەملىكتىن بەھۇزۇر ھۇزۇرلاندۇق، چۈنكى بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تولۇق:
ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق قىيىنچىلىق جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ؛
ئىشىنىمىزكى، يېقىملىق «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوت چوقۇم سىزنى ۋە مېنى بىز تەلپۈنگەن، يەتمەكچى بولغان بەخت مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ؛
ئىشىنىمىزكى، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ چوقۇم كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولىدۇ.