تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيمەكتە، قىياپىتى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بوشلۇقى ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شەھەرلەرنىڭ دائىرىسىنى تېز كېڭەيتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر(ناھىيە بازىرى)لەرنىڭ قۇرۇپ چىقىلغان رايون كۆلىمى 1683.49 كىۋادرات كىلومېتىردىن كېڭىيىپ 1898.07 كىۋادرات كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يەتكەن.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش، يېڭىدىن شەھەر قۇرۇش )تەسىس قىلىش(قاتارلىق مەمۇرىي رايونغا ئايرىپ تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش بويىچە، كۇچا شەھىرىنى تەسىس قىلدى، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش بويىچە، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنى تەسىس قىلدى، بىڭتۇەننىڭ مەركەزلىك تۇتاش بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدا شەھەر تەسىس قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، قۇرۇمقاش شەھىرى، ئېقىنتال شەھىرى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن قۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشتاتلىق شەھەر 30غا يەتتى، ئىشتاتلىق شەھەرنىڭ سانى «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن بەشى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەردىن ئىككىسى كۆپەيدى.

شەھەر بوشلۇقىنى كېڭەيتىش جەريانىدا، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق شەھەرلەردە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تولۇق قاپلاش(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر - بازارلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىدىن 103ى قۇرۇپ چىقىلدى، زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %66.47تىن 2019 - يىلىدىكى تەخمىنەن %88كە ئۆستى.

شەھەر كۆلىمى كېڭىيىش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ھەر خىل باغچە يېشىللىق يېرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ شەھەر رايونى دائىرىسىگە تارقىلىپ، «بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسىلا يېشىللىقنى كۆرۈش» «قەدەم ئالسىلا باغچىغا بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بۇلۇت شەھەر، سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، شەھەرلەر سىجىل «چوڭىيىۋاتىدۇ» «ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى