تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان تۆمۈريول، تاشيول چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى.

2016 - يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 182 مىڭ 100 كىلومېتىرغا يەتتى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 194 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يەتتى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 34 مىڭ 400 كىلومېتىرغا يېتىپ، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن يېڭىدىن 7761 كىلومېتىر كۆپەيتىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 5293 كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 105 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ 78ىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يول، 103ىگە 2 - دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى يىلدىن - يىلغا تېزلىتىلدى، ئەڭ دەسلەپكى تۈز سىزىق شەكلىدىكى تۆمۈريولدىن ئاچا شەكىللىك تۆمۈريولغا تەرەققىي قىلدى، ئاندىن يەنە بۈگۈنكى كۈندىكى لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جۇڭغار لىنىيەسى، جىڭ - غۇلجا - قورغاس لىنىيەسى، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يېپيېڭى يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەرەققىي قىلدى. بۇلتۇر، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى، بورتالا ئوبلاستى تارماق لىنىيە تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورت مۇساپىسى 2016 - يىلىدىكى 5869 كىلومېتىردىن، 2019 - يىلىدىكى 6541.3 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلدى.

«شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش»نىشانى نىشانلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلدى. 2016 - يىلى، شىنجاڭدا 18 ئايرودۇرۇم بار بولۇپ، 235 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 68 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتنىغان. 2019 - يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى 21گە كۆپىيىپ، ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 264كە يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 84 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتنىدى، «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان»ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، تېز، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھاۋا قاتنىشى تورى تېز شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى