شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: ئىلگىرىكى پاكار، قاراڭغۇ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش كوئېففىتسېنتى تۆۋەن كېسەك ئۆيلەر پولات چىۋىقلىق، بېتون قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆيلەرگە ئۆزگەردى؛ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە، قۇملۇقنىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن دېھقان - چارۋىچىلار ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن جاي بىلەن خوشلىشىپ، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى... «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى، 1 مىليون 187 مىڭ 700 ئائىلىلىك 5 مىليونغا يېقىن دېھقان - چارۋىچى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى باشقاچۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەۋزىخان مەمتىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سۇ، توك يوق كېسەك ئۆيدە ئۆتكۈزدۈم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا چىرايلىق، پۇختا سېلىنغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ئەمدى سۇ، توك ئىشلىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىشى يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. 2011 - يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۇنى ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، مەركەز مالىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى»دا بېكىتىلگەن ۋەزىپە بويىچە، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۇرالغۇسى ئەڭ خەتەرلىك، ئىقتىسادى ئەڭ نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» بويىچە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايوندىكى 584 مىڭ 900 ئائىلە بار. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
2016 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 1 مىليون 187 مىڭ 700 ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى يولغا قويۇلۇپ، 5 مىليونغا يېقىن دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇشى، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يەردە ئولتۇرۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، يېپيېڭى، ئىقتىدارى تولۇق، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى 8000 دىن ئارتۇق كەنتتە قەد كۆتۈردى، ھەر مىللەت ئامما ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلاندى.