يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى

شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايون داغدۇغىلىق ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 65 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىزم داغدام يولىغا ماڭدى. 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باشتىن - ئاخىر پارتىيە كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا قاراپ مېڭىش، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ مېڭىش، نامراتلىقتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىشتەك ئۇلۇغ مۇساپىنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. ئەمەلىيەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئاسمان - پەلەك دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ؛ ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە مەنسۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى - غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا مەنسۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكى، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە مەنسۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقارغانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىغا مەنسۇپ. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى: پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى مىسلىسىز توغرا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى مىسلىسىز ئەۋزەل، پەقەت بىز قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىسەك، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يېمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز.

بۈگۈننى ۋۇجۇدقا چىقارغىنى تۈنۈگۈن، ئەتىنى يارىتىدىغىنى بۈگۈن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىندىلا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى چوڭقۇر پىلانلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

كۈچلۈك شامالدا يەلكەنلىك كېمە كەڭ سۇ يولىدا يۈرمەكتە، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغان شىنجاڭ مىسلىسىز مۇھىم، زور پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەلتەنەتلىك مۇساپىسىدە قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى