تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇنىڭدا 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شەرھلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ نۇرىنى جۇلالاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى، قاتلاملارغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، ئەينەن ئۆگىنىپ، سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلامدىن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، ھەممە ئادەم بىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى