تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئائىلىدىكى ئورنىڭىز

  نېمە ئۈچۈن ئاجرىشىشنى تاللايدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىدۇ؟ دەۋر تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، پەن-تېخنىكىدىكى ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلگەن شەخسىيلەشكەن تۇرمۇشنىڭ قولايلىق بولۇشى قاتارلىق سىرتقى ئامىللاردىن باشقا يەنە، ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر دىققەت قىلمىغان ئىچكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

  «سىز نېمانداق قىلىسىز!»

  بۇ سۆز، ناھايىتى تونۇش ئاڭلىنىۋاتامدۇ؟ چۈنكى ھەر قېتىم جېدەللىشىپ قالغاندا، بۇ سۆز قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈچلۈك قورال بولۇپ قالىدۇ، ئۇنى كۈچلۈك قورال دېيىشتىكى سەۋەب، ئۇ نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: «خاتا قىلدىڭىز»، «مېنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈردىڭىز»، «مېنى بىزار قىلدىڭىز» دېگەندەك.

  مۇناسىۋەت ئۆز ئارا بېقىنغان بولىدۇ، سىز قارشى تەرەپنى مەلۇم بىر ئورۇنغا قويغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىمۇ شۇنىڭغا ماس يەنە بىر ئورۇنغا قويغان بولىسىز.

  شۇڭا، سىز ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنانىڭ شۇنىڭغا خاس يەنە بىر مەناسى بولۇشى مۇمكىن:«خاتالاشتىڭىز» دېگەنلىك «مېنىڭ توغرا»دېگەنلىك؛ «مېنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈردىڭىز» دېگەنلىك «مېنىڭ ئائىلىدە نوپۇزۇم بار» دېگەنلىك؛ «مېنى بىزار قىلدىڭىز» دېگەنلىك «ماڭا ماس كەلمەيسىز» دېگەنلىك.

  ھەر قېتىمقى زىدىيەتتە، ئېغىزدىن چىققان بۇ سۆزلەر ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا، نوپۇزلۇق بىر تەرەپكە قويۇپ، قارشى تەرەپنى ناچار، ئوسال ئورۇنغا قويۇپ قويىدۇ.

  «مەن مۇشۇنداق، قانداق قىلالايتتىڭىز؟»

  دوستۇم شياۋشياۋ دائىم ئېرىنىڭ ھەر خىل كەمچىلىكلىرىنىلا كۆرىدۇ: كىيىمىڭىزنى ماسلاشتۇرۇپ كىيمەپسىزغۇ؟ بالا يىغلىغاندا، بەزلەپ قويۇشنى بىلمەمسىز؟ ئۇخلىغاندا نېمىشقا ماڭا ئارقىڭىزنى قىلىۋالىسىز... ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، ئاخىرىدا بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىنىدۇ: سىز نېمانداق قىلىسىز؟

  شۇنىڭ بىلەن، قارشىلىشىش يۈز بېرىدۇ:«توغرا، مەن مۇشۇنداق، قانداق قىلالايتتىڭىز؟» قارشى تەرەپنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسىنى كۆرگەن، شياۋشياۋ چىداپ بولالمايدۇ. يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۇجۇم قىلىپ «سىز نېمانداق قىلىسىز؟»نىڭ تەرەققىي قىلغان نۇسخىسى: «ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ كۆزۈم كور بولۇپ قاپتىكەن» قاتارلىق گەپلەرنى قىلىدۇ.

  قارشى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان شياۋشياۋنىڭ ئېرىمۇ بوش كەلمەي، پاسسىپ ھۇجۇم قىلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتىدۇ، «ئۆزىڭىزگە بەك ئىشىنىپ كەتتىڭىز، ئۆزىڭىزنى بەك ياخشى دەپ قالغان ئوخشىمامسىز» قاتارلىق گەپلەرنى قىلىدۇ. ئىككىسىدە كەسكىن قارشىلىشىش ھالىتى ئۈزۈل-كېسىل شەكىللىنىدۇ.

  «مەن بار»

  مۇھەببەتلەشكەندە، سىز غايىۋى جۈپتىڭىزدىن كۈتىدىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى بۇ ئادەمدىن كۈتكەن بولغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەنىدىڭىز. تۇرمۇشلۇق بولۇپ،  بىر ئۆيگە كىرگەندە ئاندىن ھەقىقىي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىسىز، ئائىلىدىكى ھەر بىر كىچىك ئىشلارمۇ، خۇددى بىر كىچىك بولقىغا ئوخشاش، ئەينەك كەبى خىيالىي تۇيغۇلىرىڭىزنى ئازراق-ئازراقتىن چېقىپ تاشلايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىزمۇ غايەت زور بوشلۇقنى ھېس قىلىسىز، چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ خىيالىدىكى جۈپتىڭىز بىلەن ھەقىقىي جۈپتىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلدىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ ئادەم قەلبىڭىزدىكى ئوبرازدىن ناھايىتى يىراق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سىز پۇشايمان قىلىشقا باشلايسىز، پۇشايماندىن غەزەپكە تولىسىز، غەزەپتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتىسىز: نېمانداق قىلىسىز!

  ئەگەر سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار مۇشۇنداق قارشىلىش ھالىتىدە تۇرۇپ قالسا، بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ پەقەت بىرلا نەتىجىسى بولىدۇ: مەغلۇپ بولۇش. مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: بۇ ئادەم سىز كۈتكەن كىشى بىلەن ئوخشاش ئەمەس.

  بىراق، سىز نېمە ئۈچۈن توي قىلغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ پەقەتلا غايىۋى جۈپتىڭىزنى تېپىش ئۈچۈنمۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر توي قىلىشنى تاللاپ، جۈپتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئاددىي تۇرمۇشتا، مۇھەببەتنىڭ شىلدىرلاپ ئاققان ئېقىنىدا، چاقناپ تۇرغان ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ.

  شۇڭا، ئۇ ئادەمنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇش-بولماسلىقى بەك مۇھىم ئەمەس. ئۇ سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالىسىلا، ئۇ ھەر دائىم سىزگە «مەن بار» دېيەلىسىلا، بۇ بىر قېتىملىق تەقەززا بولۇشقا ئەرزىيدىغان تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى