شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.
بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تېزلىكتە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، سادىقلىقنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ئېتىقادنى ئۆگىنىپ چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ماھارەتنى ئۆگىنىپ چىقىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىمىز.
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى. تەشۋىق قىلىش خىزمىتى تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى تېزدىن تەشكىللەپ، يىغىن روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلامدىن تەشۋىق قىلىش كېرەك.
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى شا جۈن مۇنداق دېدى: بىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە بارلىق ساقچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىز قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتىمىز.
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش يىغىنىنى ئاچتى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جۈنئەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەش
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. بۇ نازارەتنىڭ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىي خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتىمىز.
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش جەريانىنى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشيا مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن «ئاياللار» كۈچىنى قوشۇشقا يېتەكلەيمىز.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) پەن - تېخنىكا ئىدارىسى توردا ۋە تور سىرتىدا تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قايتا - قايتا، چوڭقۇر ئۆگەندى. بۇ ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ دۇڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلغار، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشقا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.
(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، سۈي يۈنيەن، جاۋ يۆ، جاڭ تىڭ، جىڭ بو، لياڭ لىخۇا، لۇ فېڭباۋ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جۈنشيۇ، جىڭ خېجىن)