شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، مۇلازىمەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 1 -، 2 - كەسىپتىن ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
بۇ يىل، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئەنئەنىۋى يېمەك - ئىچمەك، پارچە سېتىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر بارلىق ياخشى چارە - ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، توردىكى مۇلازىمەت بىلەن تور سىرتىدىكى مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى، تىجارەت كەسىپ ھالىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دائىملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ ئېشىشى تېز بولۇپ، توردا كۆڭۈل ئېچىش، توردا تەربىيەلەش، توردا داۋالاش قاتارلىق توردىكى ئىستېمالنىڭ تۈرتكىسىدە، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولدى.
ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رولغا ئىگە.
«13 - بەش يىل»غا قايتا نەزەر سالساق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلسېرى ئېشىش يۈزلىنىشىنى نامايان قىلغان.
2016 - يىلى، شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 471 مىليارد 156 مىليون يۈەنگە يېتىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %48.9كە يېتىپ، 2 - كەسىپتىن 13.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 15.3:35.8:48.9 بولدى.
شىنجاڭنىڭ GDPسى تۇنجى تىرىليون يۈەندىن ئاشقان 2017 - يىلىدا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 551 مىليارد 185 مىليون يۈەنگە يېتىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %49.4كە يېتىپ، 2 - كەسىپتىن 12.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 13.9:36.7:49.4 بولدى.
2018 - يىلى، شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 646 مىليارد 14 مىليون يۈەنگە يېتىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %50نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، %50.4كە يېتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېرىمىغا تىرەك بولدى، ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 13.2:36.4:50.4 بولدى.
2019 - يىلى، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالىشىشقا قاراپ تەڭشەلدى، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسى مۇستەھكەملەندى. شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 701 مىليارد 986 مىليون يۈەنگە يېتىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %51.6كە يېتىپ، 2 - كەسىپتىن 16.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 13.1:35.3:51.6 بولدى.
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. 4 - قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلى، شىنجاڭدا 2 - كەسىپ ۋە مۇلازىمەت كەسپى قانۇنىي ئىگە ئورۇنلىرىدىكى كەسىپكارلار 4 مىليون 654 مىڭ 800 كىشى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكارلارلا 3 مىليون 927 مىڭ كىشىگە يېتىپ، مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. ئورۇن سانى، كەسىپكارلار، مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى بىرىنچى چوڭ كەسىپكە ئايلانغان.