تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

2014 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇدا ئۈچ يىل توققۇز ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. زىددىيەتنىڭ ھامان ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بولىدۇ، ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلىگەندىلا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەشتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ ساقلاش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېقىنقى نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتتىن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، مۇقىملىق ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنىڭ جان تومۇرى. ئىنتايىن باي، بەختلىك شىنجاڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇقىم، ئىناق شىنجاڭ بولۇشى كېرەك. بىز شۇنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، بۈگۈنكى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىغا شۇنچە موھتاج بولىمىز. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەشتە، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنبەسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

«جەمئىيەت مۇقىم بولسا دۆلەتكە، خەلققە پايدىلىق، جەمئىيەت قالايمىقان بولسا دۆلەتكە، خەلققە زىيانلىق.» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان چۈشىنىش ۋە تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللانساق، بىز چوقۇم ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى