تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىش ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

«ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %9.1 ئاشتى» «بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى»...باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭنىڭ بىر قاتار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، بۇ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ئورۇزئەلى قوشقاربايدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

«2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى ھەممىگە ئايان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى لەززەتكە تولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.» ئورۇزئەلى مۇنداق دېدى: بىز كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇرغىسىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىبارەت جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا جايلاشقان بۇ ئېغىر نامرات ناھىيە چېگرا رايوندىكى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ دەۋر گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى. نامرات كەنتلەر بىر - بىرلەپ، نامرات ئائىلىلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋالدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۈرەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاقتۇ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىشتا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز.

يول ئۇلىنى ئاسراش، رېلىس ياتقۇزۇش مەشغۇلاتى قىلىش... ئالتۇن كۈزدە، لوپ ناھىيەسىدىكى خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش نەق مەيدانىدا، 100دىن كۆپرەك ئىشچى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرگە چۆمۈپ قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلماقتا.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنى بېيىش يولى، ئۈمىد يولى، بەخت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئىدارىسى خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى S1 بەلگە تۈرى دىرېكتورلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سۇ چاۋۋېي.

شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم پورت. بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئالاتاۋ پورتىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن كۆپرەك ئاشتى.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تالوننى ئازايتىش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش، ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى ۋاڭ چۈەنجيې.

شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتا قانۇنچىللىق ئاساس.

قابا ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى مىنجۇ ئوتتۇرا يولى مەھەللىسىدە، ئاھالە سانى كۆپ، باشقۇرۇش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى. بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى مەھەللە تەۋەلىك رايوندا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، مەھەللە كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، قوش بىرلەشمە ئائىلە باشلىقى قاتارلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

«بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كوچا ۋە مەھەللە خىزمىتىنى پۇختا، ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلەيمىز.» مەھەللە كادىرى مەدىنە مۇقان مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىلەرنىڭ تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىللىق ئاكتىپ كۈچىنى قويۇپ بېرىمىز.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، بۇ بىزنى ئىنتايىن روھلاندۇردى.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى زېڭ فەنجياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن پەن تەتقىقات خىزمىتىدە چۆللۈك تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىم ساقلىنىشى ۋە ياخشى ئايلىنىشىغا يەنىمۇ دىققەت قىلىپ، تىرىشىپ مۇھىتنى تۈزەشنىڭ دېھقانلارنىڭ بېيىشى، كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە بوستانلىقلارنى قوغداش بىلەن ئىناق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئولتۇرۇشلۇق راھىلە مەمەت بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىشقا كۈچ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەرگۈزەشتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە گۈللىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى تونۇشتۇردى.

«مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئۆزگىرىشى زور بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر.» راھىلە مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مول تارىخ بىلىملىرى زاپىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى دەل جايىدا تەشۋىق قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىدىكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك تۇرمۇشنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنىڭ تارقاتقۇچىسى بولىمىز».

«يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇش دەل يېڭى دەۋر ياشلىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلايدىغان پۇرسەت.» جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى چارلاش - تەكشۈرۈش ئىشلىرى بۆلۈمى گېئولوگىيەلىك قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۈەن جىپېڭ مۇنداق دېدى: «پەقەت قاقاس قۇملۇق بار، مەنىسىز ھايات يوق. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپەمنى قوشىمەن!»

(مۇخبىرلار لىن خۇي، دىڭ شياۋشى، ئاينۇر، جاڭ جۇڭكەي، گۇ يۈ، سۇ چۈەنيى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى