تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

«بىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى لەززەتكە تولدى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە: ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى تولۇق قاپلاندى؛ تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان توك، تۇرۇبا سۈيى، تور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ زاۋۇتلار ئىشىك ئالدىمىزدىلا قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولدى...

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمەن، يۇرتداشلىرىمنى يېتەكلەپ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يەنىمۇ غەيرەت قىلىمەن» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى پېڭ جى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسى قىشلاق كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىسى بولۇپ، ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تۇتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى توخۇ بېقىش كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى، كىرگۈزۈلگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتى 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

پېڭ جىنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىدا يەنە ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىككە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز يۇغۇرۇلغان. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇ يۇرتداشلار بىلەن بىللە، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەنلەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، كىرىمنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيلىككە تۇتىشىدىغان بىر كۆۋرۈك سالدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتەپ بالىلارغا كىچىكىدىن ھەرقايسى مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئوقۇتقۇچىلار يەنە دائىم بالىلارغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بالىلارنى تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ياخشى پۇقرالاردىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

«بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا تونۇشتۇرىمىز.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: مۇزېي تارىخ، مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئەمەلىي دەلىللەش رولىدا چىڭ تۇرىدۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادىمىيەت ۋە ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان كۆرگەزمىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن روھنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يۈ مۇنداق دېدى: بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ رايونىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روشەن بەلگىسىگە ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى خارابىلىرى ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت ھالەتلىرىنى چوڭقۇر قازىمەن، رەتلەيمەن، تەتقىق قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولۇش، خەلق خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلامدىن، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەيمەن.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

«شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنچىللىقنىڭ كۈچ بېغىشلىشىدىن كەلگەن؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى - ساغلاملىقى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىغا موھتاج.» قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىچېڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي - قانۇن كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرىمەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى سەيماچاڭ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاڭ ليۇتاۋ مۇنداق دېدى: قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەۋەلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەر ۋاقىت ھەرىكىتىم ئارقىلىق قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مېڭ خەنجياڭ مۇنداق دېدى: تەشكىلات تارماقلىرى بىرىنچى سەپتە كادىرلارنى چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش بىلەن بىللە، كادىرلارنىڭ تۇرمۇشى، پىسخىكىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، «قاتتىق دېتال»نى «يۇمشاق دېتال»غا، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە، «ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش»نى «ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش»كە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىختىساسلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لەن دېڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز ئىلغار مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى بار تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭغا تاللاپ ئەۋەتىش بىلەن بىللە، «ئالاقە تورى+مائارىپ» ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەكتەپنىڭ «بوشلۇق دەرسخانىسى» قاتارلىق يىراق مۇساپىلىك سۇپا قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايمىز.

تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش ئىشخانىسى ياردەم بېرىش، ھەمكارلىق 2 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ مىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەردە، يىرىك پىلان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار - ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن قوللاش، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

(مۇخبىرلار ۋاڭ چى، سۈن شاۋشيۇڭ، فۇ شياۋبو، ئاينۇر، ساۋ ديەن، بەي جيالى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى